ئىراقتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى

ئىراقتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى  ۋە كىرىملەرنىڭ يېتەرسىزلىكى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە % 50 سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

1025804
ئىراقتا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى مەھدى ئەلقەيسى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە كۆرۈلگەن بۇ زىياننىڭ، مىنىستىرلىق تەرىپىدىن تۈزۈلۈۋاتقان قىشلىق مەۋسۇمى يېزا ئىگىلىك پىلانىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياز مەۋسۇمىدا ئوتتۇرىغا چىققان زىيان، قىش مەۋسۇمىدا يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

قىش ئايلىرىدا يېغىننىڭ ئازىيىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان سۇ كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئىراقتا ئىيۇن ئېيىدا سوغىرىشقا توغرا كېلىدىغان گۈرۈچ، قوناق ۋە پاختا قاتارلىق 8 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى تېرىش چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر