پومپېئو: شىمالىي كورېيە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1025391
پومپېئو: شىمالىي كورېيە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېئو، سىنگاپوردا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 51 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قورالسىزلىنىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «دۇنيا بۇنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى دائىرىسىدە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغىچە بۇنىڭغا ماس بولمىغان بىر پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسىگە خىلاپلىق قىلىشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھېلىھەم ھەل قىلغۇچ ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈلىدىغان يول بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پومپېئو، شىمالىي كورېيە بىلەن يادرو قورالسىزلىنىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەدە ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، سىنگاپوردا 12 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ باشلىقلار يىغىنىغىمۇ قاتناشقانىدى.

ئىككى پىرېزىدېنت، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

پىيوڭياڭ دائىرىلىرى، يادرو قوراللىرىدىن قانداق ۋە قاچان ۋاز كېچىدىغانلىقى، بۇ مۇساپىنىڭ قانداق جەزملەشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا جامائەتچىلىككە مەلۇمات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر