ئىران: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، بۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ھازىرقى ناچار مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1021611
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، بۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

پايتەخت تېھراندا باش ئەلچىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلغان جەۋاد زارىف: ئۆزگە دۆلەتلەرگە ئېمبارگو قويۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئامېرىكا بۇ ئىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك ئىدى، دېدى.

زارىف مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا مەسىلە پەيدا قىلايلى دېمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس، بىز بۇنىڭدىن پايدىلانساق بولىدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن جەۋاد زارىف، ئىرانغا يۈرگۈزۈلمەكچى بولغان ئېمبارگولارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 نومۇرلۇق قارارىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر