جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زامبىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى زامبىيەدە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن يېتىپ بارغان زامبىيەنىڭ لۇساكا كېننېس كائۇندې ئايرودۇرۇمىدا زامبىيە پىرېزىدېنتى ئېدگار لۇنگۇ ۋە ئۇنىڭ راپىقىسى ئېستھېر لۇنگۇ تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
ھەيئەتلىرىنى بىر - بىرىگە تونۇشتۇرغان ئەردوغان بىلەن لۇنگۇ، كېيىنچە تىيانجانې مەدەنىيەت ئۇسسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان يەرلىك ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆردى، ئارقىدىن لۇساكادا ئىلگىرى زامبىيەدە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ئۈچ كىشىنىڭ مازىرىمۇ بار بولغان پىرېزىدېنت قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت سارىيىدا زامبىيە پىرېزىدېنتى ئېدگار لۇنگۇ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇچرىشىشلار جەريانىدا مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتايدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى.