خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىنى تېلەشتۈرۈشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بارلىق تەرەپلەرنى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشقا ۋە بۇ باسقۇچنى تېزلەشتۈرۈشكە چاقىردى.

1020527
خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرەپلەرنى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىنى تېلەشتۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ يەنە 6 – ئاي ئۇزارتىلىشى نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2019 – يىلى 31 – يانۋارغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئولوف سكوڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، قاراردا يەنە، بارلىق تەرەپلەرنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش ۋە باسقۇچنى تېزلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت پائالىيەت ئېلىپ بارغان تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىدىن بىرى بولغان قىبرىستىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى 1964 – يىلدىن بۇيان ئارالدا ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ قايتىدىن تەشكىل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى قىبرىستىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنى قايتىدىن تەشكىل قىلىش ۋە ئەسكەر سانىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى تەلىپى بولسا، قىبرىستىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىكەن. بىراق دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىگە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى ئىكەن.

جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىمۇ قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ئەسكەر سانىنى ئازايتىلىش ياكى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولسا، «قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەھمىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان» دەپ قارايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىدا 1021 كىشى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 150 ى پۇقرا، 750 ى ئەسكەر، 52 سى ھەربىي خادىم ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر