خىتاي بىلەن رىۋاندا ئارىسىدا نۇرغۇن كېلىشىم تۈزۈلدى

خىتاي بىلەن رىۋاندا ئارىسىدا ئىقتىسادتىن ئۇل ئەسلىچە قۇرۇلۇشىچە، مەدەنىيەتتىن بىلىمغىچە بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە كېلىشىم ئىمزالاندى

1018104
خىتاي بىلەن رىۋاندا ئارىسىدا نۇرغۇن كېلىشىم تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىۋاندا زىيارىتىدە 15 كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئافرىقا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شى جىنپىڭ رىۋاندا پىرېزىدېنتى پاۋۇل كاگامېنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت كىگالىغا كەلدى، شى جىنپىڭ كىگالىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغىچە، ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەچىلىكتىن دىپلوماتىك ۋە خۇسۇسىي پاسپورتلاردىن ۋىزا ئالماسلىققىچە، ئېلېكترونلۇق سودا، مەدەنىيەت ۋە بىلىمغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە 15 كېلىشىم ئىمزالاندى.

شى جىنپىڭ بىلەن ساھىبخان پىرېزىدېنت كاگامې كۆرۈشۈشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

شى جىنپىڭ رىۋاندانى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى رىۋاندادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاقىت»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 46 يىللىق دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رىۋانداغا سالغان سېلىنمىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ رىۋاندا زىيارىتى خىتايدىن دۆلەت رەئىسلىك سەۋىيەسىدە رىۋانداغا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، رىۋاندا ئىمپورت ماللىرىنىڭ %20دىن كۆپرەكىنى خىتايدىن سېتىۋالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر