ئەنگلىيە «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1017812
ئەنگلىيە «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان  قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەسلىدە دېموكراتىيەنىڭ كۈچلۈك ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىدى.»

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكەن ھەپتە بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن ماقۇللانغان قانۇن پەرقلىق ئىككى خىل پۇقرالىق ئەندىزىسىنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ قانۇن ئارقىلىق 8 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ %20دىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭ ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، ئەرەبچىنىڭ رەسمىي تىل بولۇش سالاھىيىتىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ۋە ئىبرانىچىنىڭ بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ بىردىنبىر رەسمىي تىلى بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ كۆپ نارازىلىق پەيدا قىلغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە: «ئىسرائىلىيەدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا خاستۇر، ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر، دۇنيادىكى پۈتكۈل يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بار، يەھۇدىيلارنىڭ دىنى كۈنلىرى رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتىلىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قۇددۇستۇر.»

قانۇندا يەنە «ئىسرائىلىيە پۈتكۈل دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنىدۇر»دېيىلىش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ زېمىن ئۈستىدىكى تارىخىي مەۋجۇدلۇقى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى ئىسرائىلىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىش بىلەن بىرگە، 1948-يىلى ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر