تۇنىس پىرېزىدېنتى تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس ئۈستىدە توختالدى

تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەل باجى قائىد ئەس سىبسى تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزس ھەل بولمىغان تەقدىردە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1013034
تۇنىس پىرېزىدېنتى تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەل باجى قائىد ئەس سىبسى نۆۋەتتىكى سىياسىي كىرىزىس ھەل بولمىغان تەقدىردە باش مىنىستىر يۇسۇف شاھىدنىڭ ئىستېپا بېرىشى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن ئىشەنچ ئاۋازى ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

تۇنىستىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىبسى، تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتىدىكى سىياسىي كىرىزىسنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دەرھال چارە تېپىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

سىياسىي كۈچلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان ھۆكۈمەت قۇرۇلماي تۇرۇپ خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان سىبسى: تۇنىستىكى سىياسىي كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى سىياسىي كۈرەشكە چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك، دېدى.  

«ھازىرقى سىياسىي كىرىزىس ھەل بولمىغان تەقدىردە يا باش مىنىستىر ئىستېپا بېرىش كېرەك ياكى ھۆكۈمەت پارلامېنتتىن قايتىدىن ئىشەنچ ئاۋازى ئېلىشى لازىم»دېگەن سىبسى، ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇپ بەزى تەشكىلات ۋە گۇرۇھلانىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر