ترامپ: خىتاي شىمالىي كورېيەگە كېلىشىمدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇڭ شۇانيۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامنىڭ خىتاي ھەققىدە تىۋىتتېردا تارقاتقان ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇردى.

1012082
ترامپ: خىتاي شىمالىي كورېيەگە كېلىشىمدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇڭ شۇانيۇ شېمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللارنى تازىلاش مۇزاكىرىلىرىگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىشەنچ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇڭ، ئامېرىكا پىرېزدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەرھىرلەشكەن «خىتاي شىمالىي كورېيەگە كېلىشىمدىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن ئۇچۇرى ئۈستىدە توختىلىپ، «شېمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللارنى تازىلاش مۇزاكىرىلىرىگە رىئايە قىلىۋاتقانلىقى ئىشەنچ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

بۇ باسقۇچنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كۇڭ، مۇزاكىرىلەر ئۆزئارا ھۆرمەت دائىرىسىدە داۋاملاشقان تەقدىردە، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر