سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىدا «تېخنىكىلىق كاشىلا چىقىپ» سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدىكى ئەسىر رايونىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، 2 ئۇچقۇچىنىڭ قازادىن سالامەت قۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1011613
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلەر باياناتچىسى پولكوۋنىك تۇركى ئەلمالىكى سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپاغا بايانات بېرىپ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تورنادو تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ مەشىقتىن قايتىش ئەسناسىدا كۆرۈلگەن تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى ئەسىر رايونىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ قازادىن سالامەت قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن يانۋار ئېيىدىمۇ ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يەمەن تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلەر قارمىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنداپ قايتىش يولىدا تېخنىكىلىق كاشىلا چىقىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلاندىكى 2 ئۇچقۇچىنىڭ قازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىقلارغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھۇسىيلار، 2014 – يىلىدىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر