خىتاي ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان كېمە قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى 42 گە يەتتى

تايلاندنىڭ فۇكېت ئارىلىدا كۆپ سانلىق يولۇچىسى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ساياھەت كېمىسىنىڭ دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.

1008872
خىتاي ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان كېمە قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى 42 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇكېت ۋالىيسى نورراپات پلودسوڭ، دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كېمىدىكى بىر كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىشىلى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 42 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، كېمە دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن يوقاپ كەتتى، دەپ قارالغان 5 كىشىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى تايلاند كۆچمەنلەر ئىشخانىسى ۋە خىتاينىڭ باڭكوكتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئالغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

نورراپات، نۆۋەتتە ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان 10 ئادەمنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كېمىدە 87 نەپىرى خىتاي بولۇپ جەمئىي 89 يولۇچىنىڭ بارلىقىنىڭ جەزملەشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر