خىتاي شوپۇرسىز ئاپتوبۇس ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

خىتاي بەيدۇ شىركىتى ئاپولوڭ ناملىق بۇ شوپۇرسىز ئاپتوبۇسلارنى ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.

1006704
خىتاي شوپۇرسىز ئاپتوبۇس ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بەيدۇ شىركىتى شوپۇرسىز ئاپتوبۇسلارنى ھەسسلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەيدۇ شىركىتى  «سەۋىيە-4 ئاپتونوم ئاپتوبۇسلىرى»نى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئاز ساندىكى شىركەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپولوڭ ناملىق بۇ شوپۇرسىز ئاپتوبۇسلار ئىلغار تېخنىكا ۋە سىستېمىغا ئىگە.

ئاپولوڭ ئاپتوبۇسلىرىغا 14 يولۇچى چىقالايدىغان بولۇپ، بۇ ئاپتوبۇسلاردا شوپۇر ئورۇندۇقى، رول ۋە پېدال يوق.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بۇ ئاپتوبۇسلار ئىككى سائەت توك قاچىلانغاندىن كېيىن 100 كىلومېتىر ماڭالايدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى بولسا 70 كىلومېتىردۇر.

بەيدۇ شىركىتى ئاپولوڭ نامى بېرىلگەن بۇ ئاپتوبۇسلارنى دەسلەپ مەملىكەت ئىچىدە كېيىنچە چەت ئەللەردە بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #بەيدۇ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر