خىتاي قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى ئامېرىكىدىن بۇرۇن باشلايدىغان بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى جۈمە كۈنى يولغا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1005775
خىتاي قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى ئامېرىكىدىن بۇرۇن باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان 34 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتتىن ئالماقچى بولغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىراق، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 12 سائەتلىك ۋاقىت پەرقى بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرى قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئامېرىكىدىن ئىلگىرى ئىجرا قىلىشنى باشلىغان بولىدۇ.

ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىش ھوقۇقى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي مەسئۇلى، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىزنىڭ تەدبىرلىرىمىز تەڭ باراۋەر بولدى ۋە بولىدۇ. ئامېرىكا 6 - ئىيۇلدا باشلىسا، بىزنىڭمۇ 6 - ئىيۇلدا باشلايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يېرىم كېچىدە باشلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر