خىتاي پاكىستانغا يەنە قەرز بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ يەنە 1 مىليارد دوللار قەرز بەردى.

1004194
خىتاي پاكىستانغا يەنە قەرز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي پاكىستاننىڭ تاشقى پىرۇۋۇت زاپىسىنىڭ ئېىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پاكىستانغا 1 مىليارد دوللار قەرز بەردى.

شۇنداق قىلىپ بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا  جەمئىي 5 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن بولدى.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئارقىلىق پاكىستان زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان ئېنېرگىيە ۋە يول قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىدۇ.

پاكىستاننىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش لايىھەسىگە جەمئىي 57 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول ئىستىراتېگىيەسى»نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن،  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پاكىستاننىڭ 2017-يىلى ماي ئېيىدا 16 مىليارد 400 مىليون دوللار بولغان تاشقى پىرۇۋۇت زاپىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە 9 مىليارد 660مىڭ دوللارغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر