رۇسىيەدىكى بەزى شىركەت كىشىلەر يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىبەر ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (FSB) نى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن بەش شىركەت ۋە ئۈچ كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

991257
رۇسىيەدىكى بەزى شىركەت كىشىلەر يېڭى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئېمبارگو توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، چەت ئەل مال-مۈلۈك كونترول ئىشخانىسى (OFAC) نىڭ رۇسىيەدە پائالىيەت قىلۋاتقان بەش شىركىتى ۋە بۇلارنىڭ بىرىدە باشلىق بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۈچ رۇسىيە پۇقراسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (FSB) غا 2016 -يىلدىن بېرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى نامىدا سىبەر ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر