ماتتىس: تۈركىيە بىلەن مۇنبىچتا ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدا تۈركىيە – ئامېرىكا ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

990696
ماتتىس: تۈركىيە بىلەن مۇنبىچتا ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېيمس ماتتىس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ستاتگارت شەھىرىدىكى ياۋروپا قوماندانلىقىدا كۆرۈشۈپ، پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئالدىنقى سەپتە بۇ ھەمكارلىققا تەييارمىز. بۇ بىر – بىرىمىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ، بىرىنچى قەدەمنىڭ چېگرانىڭ ئىككى تەرەپىدە چارلاش ئېلىپ بېرىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن مۇنبىچتە بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر