ب د ت باش كاتىپى ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن ۋە بۇ ھۇجۇمدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

989937
ب د ت باش كاتىپى ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسنىڭ باياناتچىسى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە بۇ ھۇجۇمدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىدلىبنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە "جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى" قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، كېلىشىمگە كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر بولغان رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراندىن تەرەپلەرگە بېسىم قىلىش تەلەپ قىلىندى.

7-ۋە 8- ئىيۇن كۈنلىرى ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى زەردەنە يېزىسىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسنىڭ نوپۇسىنىڭ %60 ى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالار ئىگىلەيدىغان ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن ۋە بۇ ھۇجۇمدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېرس تەرەپلەرنى ئىدلىبقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى ۋە توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشقا، شۇنداقلا پۇقرالارنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى قوغداشقا چاقىردى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى ۋە ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. 7-ئىيۇن (پەيشەنبە) كېچە ئىدلىبنىڭ زەردەنە يېزىسىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بولسا، ئەڭ ئاز دېگەندە 42 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب، 2017-يىلى 4-5-ماي كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان يىغىندا "جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى" قىلىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيە پات-پات رايونغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر