ئىدلىبكە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى كەم دېگەندە 20 پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 80 پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ھاجى يۈسۈفنىڭ ئېيتىشىچە، يېرىم كېچىدە ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى زەردەنە يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرىدىن 5 كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 كىشى يارىلانغان.
ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش ئورگىنىىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇملىرىنى لازقىيەدىن قوزغالغان « SU 24 » تىپلىق رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ھەربىي ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئىدلىب، 2017 – يىلى 4 – 5 – ماي كۈنلىرى ئاستانادا چاقىرىلغان يىغىندا، «سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، بەزىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى، يەنە بەزىدە، رۇسىيە رايونغا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.