ئامېرىكا ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلدى

ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

986051
ئامېرىكا ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئالىملار يىغىن چاقىرىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت ئادەم بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىنى ئۆلىمالار ۋە ئالىملار كابۇلدا يىغىن چاقىرىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

ئالىملارنىڭ ھۇجۇم مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا «ئافغانىستان ھاكىمىيىتىگە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىسلامغا زىت ئىكەنلىكى»توغرىسىدا پەتىۋا بېرىشكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ زوراۋانلار ئىلگىرى سۈرگەن «ئىسلامىي پەتىۋالار»غا زىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر