ئامېرىكا-كانادا ئارىسىدىمۇ سودا ئۇرۇشى باشلاندى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئامېرىكانىڭ 1-ئىيۇن (2018) دىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

983624
ئامېرىكا-كانادا ئارىسىدىمۇ سودا ئۇرۇشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئامېرىكانىڭ 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە مېكسىكادىن ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى ئىجرا قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كانادانىڭ 150 يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئەڭ قەتئىي ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇ قارارنى مىللىي بىخەتەرلىك تەدبىرىنى باھانە قىلىپ چىقارغانلىقىنى، بىراق ھېچقاچان ئامېرىكاغا نىسبەتەن مىللىي بىخەتەرلىكتە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ باقمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى باج قارارىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتىكى سانائەت ۋە سودىغا زىيان بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "بۇ باجلار كانادا ۋە ئامېرىكا چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سانائەت ھەمدە ئىشچىلارغا زىيان بېرىدۇ. شىمالىي ئامېرىكا پولات ۋە ئاليۇمىنلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ رىقابەتلىشەلەيدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇزىدۇ" دېدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرىلەندمۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى باج قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %25 باج ئېلىشنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر