ب د ت باش كاتىپى ھىزبۇللاھنى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ھىزبۇللاھنى لىۋان، سۈرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

976338
ب د ت باش كاتىپى ھىزبۇللاھنى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى بىر نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا، لىۋاندىكى ئەڭ چوڭ قوراللىق ھەرىكەت ۋە سىياسىي پارتىيە ھېسابلىنىدىغان ھىزبۇللاھنى ئەيىبلەپ، ئۇنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ب د ت  باش كاتىپى گۇتېررېس، ھىزبۇللاھنىڭ لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن تائىف كېلىشىمىغا (1989) ۋە پۈتكۈل لىۋانلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ قورالىسزلىشىنى شەرت قىلغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق لىۋاننىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرۇش سىياسىتىگىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

گۇتېررېس دوكلاتىدا، لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى «ھىزبۇللاھنىڭ ۋە باشقا بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورالغا ئىگە بولۇشىلىرىنىڭ ۋە ياللانما خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەشلىرىنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ئۈچۈن، كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا» چاقىرىپ، «دېموكراتىك بىر دۆلەتتە بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرگۈدەك كۈچكە ئىگە بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ دېموكراتىك، شۇنداقلا ئىدارە – ئورگانلىرىغا ھېساب بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى نېگىزلىك بىنورماللىق بولماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر