ب د ت ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننى ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

968816
ب د ت ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنى  ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ، گۇتېررېسنىڭ ئىران كۈچلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە سۈرىيەدىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئاتقانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس نۆۋەتتە قورقۇنۇچلۇق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان رايوندا يېڭى توقۇنۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننى دۈشمەنلىك ھەم ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرماقتا.»

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئىران كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 20 راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىران تەرەپ بولسا، «ئىران كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئاتقانلىقى» غا ئالاقىدار دەۋالارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرى جايلاشقان 26 نۇقتىنى بومباردىمان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر