سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىران يادرو پىلانىغا قايتقان تەقدىردە بىزمۇ يادرو قورالى ياسايمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، ئىران يادرو پىلانىغا قايتقان تەقدىردە، دۆلىتىنىڭمۇ يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

968030
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىران يادرو پىلانىغا قايتقان تەقدىردە بىزمۇ يادرو قورالى ياسايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى توغرىسىدىكى قارارىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، 2015 – يىلى تۈزۈلگەن ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ «يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىراننىڭ تېررورنى قوللىشىغا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرگە مۇداخىلە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىنمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىران يادرو پىلانىغا قايتقان تەقدىردە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا دائىمىي ئەزالىرىنىڭمۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان جۇبەير، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يادرو قورالى ياساپ – ياسىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئىران يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بىر كۈچكە ئىگە بولسا، بىزمۇ خەلقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز ۋە ئۇنى (يادرو قورالىنى) ياسايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئادىل ئەلجۇبەير، ئىراننىڭ يەمەندىكى ھۇسىيلارغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىشكە خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ۋە 2015 – يىلى توختىتىلغان ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قايتىدىن يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر