ئىران نېتانياھۇنىڭ «ئاساسسىز»باياناتلىرىغا چوقۇم جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر خاتەمى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئىران توغرۇلۇق بەرگەن «ئاساسسىز»باياناتلىرىغا چوقۇم قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

962075
ئىران نېتانياھۇنىڭ «ئاساسسىز»باياناتلىرىغا چوقۇم جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى ۋە يوشۇرۇن قورال پىروگراممىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى»دېيىشىگە قارىتا، ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىرى خاتەمى دەرھال جاۋاب قايتۇردى.

ئەمىر خاتەمى  نېتانياھۇنىڭ ئىران توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرىنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خاتەمى نېتانياھۇنىڭ « ئادەتتىكى ئادەممۇ ئىشەنمەيدىغان ئاساسسىز ۋە يالغان سۆزلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنىڭ سىيونىست ھاكىمىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى»دېدى.

«سىيونسىت ھاكىمىيەت بىلەن ئۇنىڭ باش مىنىستىرى ئەقلىدىن بارغانچە ئادىشىۋاتىدۇ»دېگەن ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى : تېھران كۈتۈلمىگەن چاغدا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە ئۇ چاغدا پۇشايمانغا قالىدۇ، دېدى.

خاتىمە يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «قۇددۇسنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە ئۇنىڭ يانتاياقچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەن.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفمۇ نېتانياھۇنىڭ تېھراننى باشتىن-ئاخىر ئاساسسىز ئەيىبلەپ كېلىۋتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە نېتانياھۇنىڭ «تولىمۇ يالغانچى ئادەم»ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر