كىم جوڭئۇننىڭ يادرو بازىلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى باياناتچىسى شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ كېلەر ئاي يادرو سىناق بازىلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

960615
كىم جوڭئۇننىڭ يادرو بازىلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ دۆلىتىدىكى يادرو سىناق قىلىش بازىلىرىنى كېلەر ئايدا تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى تاراتقۇ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىم جوڭئۇننىڭ «كورېيە ئۇرۇشىنىڭ ئازابلىق كەچمىشىنى قايتا باشتىن كەچۈرمەيلى، كورېيە مىللىتىنىڭ قېنىنىڭ قايتا تۆكۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمايلى. كۈچ ئىشلەتمەيدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرىمەن»دېگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. 

باياناتتا كىم جوڭئۇننىڭ  كېلەر ئاي تاقىۋېتىشنى قارار قىلغان يادرو سىناق بازىلىرىنى خەلقئارا تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېچىۋېتىش توغرۇلۇقمۇ ۋەدە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى باياناتچىسى، كىم جوڭئۇننىڭ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئەھۋالدا يادرو قوراللىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بايانچى كىم جوڭئۇننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلدى: «ئامېرىكا بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشىمىز مۇمكىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچ بەرپا قىلىمىز، ناۋادا ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالىساق يادرو قورالىرىنى ئىشلەپ نېمە قىلمىز ۋە ئۆزىمىزنى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا قىينايمىز؟.»

جەنۇبىي كورېيەلىك باياناتچى يادرو قوراللىرى سىناق قىلىش بازىلىرىنى تاقىۋېتىش مەسىلىسى ئۈسىتىدە توختىلىپ: «شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بۇ بازىلىرىنى ماي ئېيىدا تاقىۋېتىدۇ. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە مۇتەخەسىس ۋە ژۇرنالىستلارنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.»

باياناتچى 27-ئاپرېلدىكى باشلىقلار يىغىنىدا كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشاش سائەت بەلگىلىمىسىنى ئىشلىتىشنىمۇ قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر