پاكىستان- ئافغانىستان چېگراسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستان- ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان كۇۋەيتادا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

958038
پاكىستان- ئافغانىستان چېگراسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىغا جايلاشقان كۇۋەيتا شەھىرىدە بىر ساقچى مىنۇبۇسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 5 ساقچى ئۆلدى، 7 ساقچى يارىلاندى.

پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كۇۋەيتادىكى ئايرودۇرۇم يولىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 5 ساقچىنىڭ ئۆلۈپ، 7 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا كۇۋەيتانىڭ مىيان گۇندى رايونىدىكى چېگرا مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئىككى ئادەم  بومبىنىڭمۇ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ساقچىلارنىڭ رايوننى بىخەتەرلىك چەمبىرىكىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۇۋەيتادا بىر ئاي ئىچىدە خىرىستىيانلار بىلەن چېگرا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر