ئىران، ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تىرامپنى يادرو كېلىشىمىگە قايىل قىلىشقا چاقىردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» كە چاقىردى.

957571
ئىران، ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تىرامپنى يادرو كېلىشىمىگە قايىل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا بىر كېلىشىم يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇچۇرىدا، «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى (ئېمانۇئېل) ماكرون توغرا دەيدۇ، ياۋروپا كېلىشىمىنىڭ ب پىلانى يوق. يا ھەممىسى ياكى ھېچبىرى. ياۋروپا لىدېرلىرى ترامپنى يادرو كېلىشىمىدە چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ترامپنىڭ 12 – مايدا ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ – يۈرگۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، خىتاي، فىرانسىيە، ۋە رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئېمبارگوغا ئالاقىدار ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار، ئىراننى ئېمبارگودىن كەچۈرۈم قىلىش قارارىنىڭ 120 كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ترامپنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇزارتىش قارارى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر