ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدە كونكېرت قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ كونكېرت قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتە.

957645
ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدە كونكېرت قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىدىن خالىي بولۇش يولىدا كونكېرت قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھېچبىر ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى ساندېرس ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيە ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى مۇساپىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، ئۆزگىرىشلەرنىڭ قەدەممۇ قەدەم تەقىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچبىر مەسىلىدە يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەقسەت، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇشتۇر. شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ جەھەتتە كونكېرت قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرگىچە (بۇ دۆلەتكە قىلىنىۋاتقان) ئەڭ كۈچلۈك بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ساندېرس، ئامېرىكا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ قايسى نۇقتىسىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، «يادرو قورالىدىن خالىيلىشىش جەھەتتە شىمالىي كورېيەنىڭ كونكېرت قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرگىچە ھېچبىر ئېمبارگو بىكار قىلىنمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساندېرس يەنە، پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئىجابىي قەدەملىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقلىرىنى، بىراق بېسىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك بولغان ئۇزۇن مۇساپە بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر