پومپېيوغا كېڭەش پالاتاسىدىن بىرىنچى تەستىق چىقتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى مايك پومپېيو ۋەزىپىسىنى باشلاش ئۈچۈن تۇنجى تەستىقىنى ئالدى.

957542
پومپېيوغا كېڭەش پالاتاسىدىن بىرىنچى تەستىق چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ دىرېكتورى پومپېيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا 9 غا قارشى 11 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى دېموكراتلارنىڭ توققۇز ئەزاسى پومپېيوغا رەت ئاۋازى تاشلىدى، بىر ئەزاسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىدى. پومپېيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى ئۈچۈن كېيىنكى بېلەت تاشلاش كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر كېڭەش پالاتاسىدىن تەستىق چىققان ئەھۋالدا، مايك پومپېيو جۈمە (27-ئاپرېل) كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو يىغىنىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتىدە قاتنىشىدۇ. 100 ئەزاسى بولغان كېڭەش پالاتاسىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ 51 ئەزاسى بار.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى مىچ ماككوننېل پومپېيونىڭ تاشقى مىنىستىرى بولۇشىنى «چوقۇم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ 13-مارت ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئورنىغا، مايك پومپېيونى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى.

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا قارشى قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مايك پومپېيو، ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تەييارلىقلارغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە پىيوڭياڭغا بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر