ئامېرىكا: دەسلەپكى ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئورتاق قوزغىغان دەسلەپكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

951343
ئامېرىكا: دەسلەپكى ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ماتتىس، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 7 – ئاپرېل كۈنى قورشاۋى ئاستىدىكى دۇمادا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش تەرىقسىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىپ ئېلىپ بارغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ ئاياللار، نارىسىدە بالىلار ۋە باشقا نۇرغۇن مەسۇم كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇنداق قەتلىئاملارنى كەچۈرمەيدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. دەرۋەقە، پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا ئاساسەن كۈچ ئىشلىتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى، ھاۋا ھۇجۇمىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركەزلىرى بومباردىمان قىلىندى. بۇ ھۇجۇم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىلا نىشان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. پۇقرالار ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ھازىر پۈتكۈل مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىجرا قىلىۋاتقان جەنۋە باسقۇچىنى قوللاش، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئاساسىدا ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېغىر زەربە بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىل بۇلتۇرقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق قورال ئىشلەتتۇق، لېكىن، بىز بۇ قوراللارنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال مۇئەسسەسەلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتتۇق.»

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى جوزېف دۇنفورد، ھاۋا ھۇجۇمىغا ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىرى دەمەشق، ئىككىسى ھۇمۇس ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈچ نۇقتىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇنفورد، پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ۋە باشقا زىيانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇ نۇقتىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قېلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتقان دۇنفورد، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن قىسىملارنى ئايرىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان ئالاقە لىنىيەسى ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى، ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر