ترامپ: ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

951534
ترامپ: ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن كېچىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. قوللىغانلىقلىرى ۋە ھەربىي كۈچلىرى جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھاۋا ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر