پۇتىن ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

951474
پۇتىن ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇققە ئىگە بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ھۇجۇم بارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر سىستېمىسىغا قارىتا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر