مۇھەممەد بىن سەلمان: سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ سۈرىيەگە قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشى مۇمكىن

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان شەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدا ئونلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن بۇ دۆلەتكە قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

949266
مۇھەممەد بىن سەلمان: سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ سۈرىيەگە قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد بىن سەلمان ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى زىيارەتتە بولغان پارىژدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈريىتى تۇغۇلسا، بىز بۇنىڭغا تەييارمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرمۇ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا قارىتا بېرىلىدىغان جاۋاب مەسىلىسىدە، بەزى دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىرى تېپىلىشى ۋە ئادالەتكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە قارار چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ دائىرىدە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن، بولۇپمۇ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېخنىكىلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز ھەمدە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قارارىمىزنى ئېلان قىلىمىز.»

ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردە، بۇنىڭدىن پەقەت سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال مۇئەسسەسەلىرىلا نىشان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، بۇ ھەقتە چىقىرىدىغان قارارلىرىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىقتىدارىغا زەربە بېرىشنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ماكرون سۈرىيەگە قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەتكە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇ ھېچقاچان فىرانسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى بولمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ» دېدى.

قايسى شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ماكرون، رايوندا خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، سۈرىيەدە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۈملىدىن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە، سۈرىيە خەلقىنىڭ دۈشمىنىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر