ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 100 گە يەتتى.

943707
ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داشتى ئارچى ھاكىمى نەسرۇددىن سەدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ناھىيەدىكى بىر مەدرىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ھۇجۇم مەدرىسىدە قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتكەن ياشلار ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

سەدىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇراسىمغا تالىبان رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا تالىبان رەھبەرلىرىمۇ بار ئىكەن.

شاھىتلاردىن ھاجى نەبىنىڭ ئېيتىشىچە، 500 كىشى قاتناشقان مۇراسىم جەريانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تەخمىنەن 50 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

قۇندۇز ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئەنامۇددىن راخمانى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ تالىبان رەھبەرلىرى مەدرىسىدە يىغىن ئېچىۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمدا 26 تالىبان مەنسۇبىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر