قاتار بىلەن ناتو ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بىلەن قاتار، ئىتتىپاققا قاراشلىق ھەربىي قىسىملارنىڭ قاتار زېمىنلىرىنى ئۆتۈش نۇقتىسى قىلىپ ئىشلىتىشى ۋە ئەلئۇدەيدى ھەربىي بازىسىدىن پايدىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر ھەربىي كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

925382
قاتار بىلەن ناتو ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو، باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا ناتو بىلەن قاتار ئارىسىدا ھەمكارلىق ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ناتو قىسىملىرى ۋە خادىملىرىنىڭ قاتار  زېمىنلىرىنى ئۆتۈش نۇقتىسى قىلىپ ئىشلىتىشى ۋە ئەلۇبەيدى ھەربىي بازىسىدىن پايدىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ كېلىشىمنىڭ ناتونىڭ رايوندىكى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىجابىي كۈچ بېغىشلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يېنس ستولتېنبېرگنىڭ كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ناتو ۋە قاتار كۈچلىرىنىڭ لىۋىيەدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى پائالىيەتلەرنى بىرلىتكە ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر