ئامېرىكا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنس ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

923450
ئامېرىكا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايىك پېنس ئىران بىلەن 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە كېلەر ئاي تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە ۋاشىنگىتوننىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېنس مۇشۇ يەكشەنبە ئىسرائىلىيە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن سەل قارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان پېنس مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە كېلەر ئاي تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدۇ.»

پېنس ئامېرىكىنىڭ «ئىراننىڭ باشقا رايونلاردىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا»زەربە بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: دائېشنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىراننىڭ غەلبىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز، دېدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيە پايتەختى»دەپ ئېلان قىلىشى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ترامپنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن پېنس: بۇ يىل مايدا ئامېرىكا قۇددۇستا ئەلچىخانا ئاچىدۇ، ترامپ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن بۇ قارارنى بەردى . رىئاللىقنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، رىئاللىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ غول مەنبەسىدۇر.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇلتۇر 6-دېكابىردا قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى»ئېلان قىلىپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلىشى ھەم ئامېرىكىدا ھەمدە خەلقئارادا زور ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانىدى.

ئامېرىكىدىكى تۆھمەت ۋە ئىنكارغا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ئورتودوكس يەھۇدىي جامائىتى ئۇيۇشمىسى، جۇمھۇرىيەتچى يەھۇدىي بىرلەشمىسى، ئامېرىكا سىيونىس  تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا سىيونىست ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئامېرىدىكى ئاساسلىق يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ترامپنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.

ترامپنىڭ قۇددۇس توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىدا ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلاردىن سىرت ئەۋانجەلىك (ئامېرىكىدىكى خىرىستىيان جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ رادىكال مەزھىپى)خىرىستىيانلار ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنسنىڭ سىياسىي نوپۇزىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

قويۇق ئەۋانجەلىك خىرىستىيان مۇرىتى بولغان پېنس ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا بۇ ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر