رۇسىيەنىڭ ھەر تۈلۈك يادرو ھۇجۇمىغا قارشى تولۇق تەييارلىقىمىز بار

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋايت ئامېرىكا يادرو ئىقتىدارىنىڭ رۇسىيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىلمۇ خىللاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە رۇسىيەدىن كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەھدىتكە قارشى «تولۇق تەييار ئىكەنلىكلىرى» نى بىلدۈردى.

921383
رۇسىيەنىڭ ھەر تۈلۈك يادرو ھۇجۇمىغا قارشى تولۇق تەييارلىقىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون)نىڭ  باياناتچىسى دانا ۋايت ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ، «يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىنى ۋەيران قىلالايدىغان غايەت زور باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغانلىقلىرىنى ۋە دۇنيادىكى ھېچقانداق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنىڭ توسىيالمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىغا ھەيران قالمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «پۇتىننىڭ باياناتى بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەيران قالارلىق ئەمەس، ئامېرىكا خەلقى خاتىرجەم بولسۇنكى بىزنىڭ تولۇق تەييارلىقىمىز بار» دېدى.

دانا ۋايت رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ فېدېراتسىيە مەجلىسى ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ سۆز قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ يېڭى يادرو ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قوللىنىلغان ئىپادىلەرنىڭ كىشىنى «ئەندىشەگە سالىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «ناھايىتى ئىشەنچلىك تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىشىڭلار كېرەك. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۆلەتنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ، «ئىقتىدارى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيەگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك يادرو ھۇجۇمىنىڭ، يادرو ئۇرۇش ئېلانى دەپ قارىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«يېڭى يادرو ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تۆۋەن ئىقتىدارلىق يادرو قورال ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ قىلغانلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق. بۇ ئوتتۇرا سەۋىيەلىك يادرو كۈچلىرى كېلىشىمىگە خىلاپ ئەمەس. يادرو زاپىسىمىزنىڭ ئىشەنچلىك تاقابىل تۇرۇش كۈچىدىن خاتىرجەم بولۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى يېڭىلىشىنىڭ رۇسىيەگە ئەمەس، بەلكى «لۈكچەك دۆلەتلەر» دېيىلىدىغان شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيەنىڭ پەقەت مۇداپىئە مەقسىتىدە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، سۇ ئاستىدا ئۈزەلەيدىغان ۋە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان سۇ ئاستى ئاپپاراتى ياسىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پۇتىن فېدېراتسىيە مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ سۆز قىلغاندا: «يۇقىرى سۈرئەتلىك بۇ سۇ ئاستى ئاپپاراتى بىلەن ئاۋىياماتكىلارغا ۋە ساھىل قوغداش ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ. قىتئەلەر ئارا ھەرىكەت قىلالايدىغان بۇ ئاپپاراتنى رادارلاردا بايقىغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى.

پۇتىن يەنە، رۇسىيەنىڭ ھېچقانداق دۆلەتتە يوق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساپ، 2017-يىلى كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرىدا سىناق قىلغانلىقلىرىنى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ توسىيالمايدىغانلىقىنى ۋە يەر شارىنىڭ ھەر قانداق جايىدىكى نۇقتىلارغا يېتىپ بارالايدىغان چەكسىز مۇساپە كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا يېڭى يادرو ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۆتكەن ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكا يادرو ئىقتىدارىنىڭ «يادرولۇق ۋە يادروسىز ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش»، «ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىش»، «توسۇپ قالغىلى بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بېرىش»، «ئېنىق بولمىغان كېلەچەكنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش» مەقسىتىدە، زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس رۇسىيە يادرو كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدا، ئامېرىكانىڭ قولىدىكى كوزىر سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە تەسىرى تۆۋەن بولغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياسايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر