لاۋروۋ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىگە ئىزاھات بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەدە 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ھامان ئىجرا قىلىنشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شەنبە كۈنى سۈرىيەدە 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنى قوبۇل قىلغانىدى.
ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ ئەكسىچە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ رايوننى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان لاۋروۋ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ھامان ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دەمەشق ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورچىلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»