گامبىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە

گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

910334
گامبىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەتنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قاھرامان: «گامبىيە بىزگە نىسبەتەن دوست ھەم قېرىنداش دۆلەتتۇر» دېدى.

گامبىيە پىرېزىدېنتى بارروۋ بولسا تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بارروۋ، بۇ تەكلىپنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت بىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر يىلنى باشتىن كەچۈردۇق. پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن تۈركىيە مېنى تەبرىكلىگەن تۇنجى دۆلەتلەردىن بىرى بولدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە بىلەن كۆپلىگەن ئورتاق تەرەپلىرىمىز بار. تۈركىيە بىلەن گامبىيە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ ئاۋات قىلىشقا تىرىشىدۇ.»

ئۇچرىشىشتا، سەھىيە مىنىستىرى ئەھمەد دەمىرجان، تۈركىيە – گامبىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كىلىس پارلامېنت ئەزاسى رەشىت پولات، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باش كاتىپى مەھمەت ئەلى قۇمبۇزئوغلۇ قاتارلىقلارمۇ  قاھرامانغا ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر