گوللاندىيەدە بىر جامەگە ئوت قويۇۋېتىلدى

گوللاندىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دراچتېن شەھىرىدىكى ماراكەشلىكلەر كۆپ بارىدىغان بىر جامەگە ئوت قويۇپ بېرىلدى.

908553
گوللاندىيەدە بىر جامەگە ئوت قويۇۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىملىكى نامەلۇم بىر كىشى گوللاندىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دراچتېن شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزى دراچتېن ۋەخپىسىنىڭ جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، جامەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.

دراچتېن ۋەخپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خالىد بېنناجەۋۇر ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «بامدات نامىزىغا كەلگەن جامائەت جامەدە ماي پۇرىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. پېشىن نامىزىغا كەلگىنىمىزدە جامەنىڭ ئارقىسىدا كۆيۈك ئىزلىرىنى ۋە دېرىزىلەرنىڭ سۇنغانلىقىنى بايقىدۇق. كامېرانىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، بىر كىشى جامەنىڭ ئارقىدىكى دېرىزىنى سۇندۇرغاندىن كېيىن، ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇققا ئوت يېقىپ قېچىپ كەتكەن» دېدى.

ئۇ ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر