مايك پېنس سېئۇلدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

907208
مايك پېنس سېئۇلدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت، پيېئوڭ-چاڭ شەھىرىدە بۈگۈن باشلىنىدىغان 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە بېرىپ،  پىرېزىدېنت مون جىئىن بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئامېرىكا – جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، ۋاشىنگتوننىڭ سېئۇل بىلەن ئورتاق مۇداپىئەلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى قايتا تىلغا ئالدى.

ئۇچرىشىش ئەسناسىدا مون جىئىن بىلەن پېنس، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ «ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، شىمالىي كورېيەنى كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدۇرۇش ئۈچۈن،«پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بېسىم» ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇن، سېئۇلنىڭ پىيوڭياڭنى يېرىم ئارالنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىيالوگقا شېرىك قىلىش ئۈچۈن، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى بىر پۇرسەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «جەنۇبىي كورېيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقى ھەر قانداق چاغدىكىدىن كۈچلۈك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نويابىر ئېيىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن كېيىن، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس،نىڭ پيېئوڭ-چاڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان زىيارىتى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىتتىپاق ۋە رىشتىنى نامايان قىلىپ بېرىش نۇقتىسىدىن بىر ئامەت بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر