فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتىدۇ

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 2022-يىلىغىچە ھەر يىلى 1.7مىليارد ياۋرو، 2023-يىلى بولسا 3 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىش ئارقىلىق جەمئىي خامچوتنى 39.6 مىليارد ياۋروغا چىقىرىش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى تەييارلىدى.

906928
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ باشچىلىقىدا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى ھەققىدە تەييارلانغان قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 2022-يىلىغىچە ھەر يىلى 1.7 مىليارد ياۋرو ۋە 2023-يىلى 3 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىپ، جەمئىي 39.6 مىليارد ياۋروغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

باياناتتا، قانۇن لايىھەسىدە 2023-2019-يىللىرى ئۈچۈن ئايرىلغان خامچوتنىڭ، 2014-يىلدىن 2018-يىلىغىچە بولغان خامچوتقا سېلىشتۇرغاندا 7.4 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىلىپ، %23 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت ماكرون يانۋار ئېيىدىكى ئەنئەنىۋى يېڭى يىللىق تەبرىكلىرى پىروگراممىسى دائىرەسىدە ئارمىيەگە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتقىدا، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئايرىلغان خامچوتنى 1.8 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىلىپ، جەمئىي 34.2 مىليارد ياۋرو قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر