ماتتىس، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى سۈركىلىشكە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇشقا كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دىپلوماتىك خىزمەتلەر نەتىجىسىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

906236
ماتتىس، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى سۈركىلىشكە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «نۆۋەتتىكى شىمالىي كورېيەگە ئالاقىدار مۇساپە پۈتۈنلەي دىپلوماتىك ئۇسۇلدا داۋام قىلماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە ناھايىتى كۈچلۈك دىپلوماتىك قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى كۆردۇق. مەسىلەن، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاخىرقى قېتىملىق ئۈچ قارارنى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلدى. فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ قاچانغىچە مۇشۇ شەكىلدە بېلەت تاشلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز؟ دېمەك، مۇساپە نۆۋەتتە دىپلوماتىك سەھنىدە داۋام قىلماقتا» دەپ جاۋاب بەردى.

ماتتىس يەنە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان، شىمالىي كورېيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئىشتىراك  قىلىدىغان 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىغا ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم، دەپ باھا بەردى ۋە پېنسنىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مايك پېنس ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى باشلىغانىدى. جەنۇبىي كورېيە زىيارىتى ئەسناسىدا، 9 – فېۋرالدىن 25 – فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى كۆرىدىغان مايك پېنس، شىمالىي كورېيە ھەيئىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا ئىشىكلەرنى تاقىۋەتمىگەنىدى.

ئامېرىكىدا يېقىنقى كۈنلەردە بەس – مۇنازىرە قوزغىغان «ھەربىي پارات مۇراسىمى» ھەققىدىمۇ توختالغان ماتتىس، «مۇراسىم توغرىسىدا شۇنى دىيەلەيمەنكى، بۇ پىرېزىدېنتنىڭ ئارمىيەگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھۆرمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مېنىڭ ۋەزىپەم ئارمىيەمىزگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئالدىنقى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، ترامپنىڭ پېنتاگوندىن «ۋاشىنگتوندا كەڭ كۆلەملىك پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش» نى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر