ئامېرىكا رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا رۇسىيەنى يادرو قوراللىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى.

905265
ئامېرىكا رۇسىيەنى  ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇدپىئە مىنىستىرى جېيمىس نورمان ماتتىس رۇسىيەنى يادرو كىرىزىسنى كەسكىنلەشتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

ماتتىس ئاۋام پالاتاسى قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىدا 2018 –يىلىدا يادرو ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىستىراتېگىيەسى ھۆججەتلىرى توغرىسىدا مەجلىس ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ماتتىس رۇسىيەنىڭ 1987-يىلى ئىمزالانغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

جېميىس ماتتىس موسكۋانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماتتىس رۇسىيەنىڭ پەقەت رويخەتكە ئېلىنغان ئىستىراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى ئازايتقانلىقىنى، لېكىن يادرو قوراللىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس رۇسىيەنىڭ بۇ سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭمۇ دېڭىزدا سەير قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قايتىدىن ئىشلىتىپ، تەسىرى تۆۋەن بولغان يادرو بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى لايىھەلەپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر