ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

903934
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون سايلام ھەلەكچىلىكىدە تۇرۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئارگېنتىنا زىيارىتىدە ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان تىللېرسون، ۋېنېزۇئېلادا «ئادىل، ئەركىن ۋە مۆتىدىل»سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە   بۇ دۆلەتتىكى كىرىزىسنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تىللېرسون ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋېنېزۇئېلاغا قويۇلىدىغان ئېمبارگو ياكى چەكلىمىلەرنىڭ ئامېرىكا نېفىت بازىرىغا زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ سىياسىي ئۇسۇللىرىنى ۋە سايلام سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان تىللېرسون ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە زىيان سالمىغان ئاساستا مادۇرو ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي ئېمبارگولار قويىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تىللېرسون لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئىلگىرى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىپ ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە قولىدا ھەرىكەت توغرۇلۇق يىپ ئۇچى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋېنېزۇئېلادا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر