نىگېردە ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نىگېرنىڭ پايتەختى نىيامېيدا يۈزلەرچە ئادەم ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

903879
نىگېردە ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرنىڭ پايتەختى نىيامېيدە نىگېردىكى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇستەقىل ئۆكتىچى فىرونتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن يىغىلغان يۈزلەرچە ئادەم شوئارلار توۋلاپ نىگېردىكى چەت ئەل ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىلارنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشقان.

نامايىشچىلار قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا نىگېرلىك ئەسكەرلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ھۆكۈمەتنىڭ 2018-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە قانۇنىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، بۇ قانۇننىڭ خەلققە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشتى.

پايتەخت نىيامېيدىكى نىگېر ئارمىيەسىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسى  بازىسىدىن، 2013-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار مەركىزى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر