ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا يادرولۇق قورال ئورۇنلاشتۇرسا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى فىرانتىس كىلىنتىسېۋىچ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىققا يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئۈستىدە توختالدى.

902839
ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا يادرولۇق قورال ئورۇنلاشتۇرسا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى فىرانتىس كىلىنتىسېۋىچ ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىققا ئۇرۇنلاشتۇرۇش مۇمكىنلىكى بولغان يادرولۇق قوراللارغا قارشى رۇسىيەنىڭ تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچ – قۇددرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېڭى پىلانىدا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ بارالايدىغان «F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى فىرانتىس كىلىنتىسېۋىچ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھەربىي تېخنىكا نۇقتىسىدىن بۇ پىلان رۇسىيەگە نىسبەتەن ئادەتتىكىچە بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپادىكى بازىلىرىغا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بازىلىرىغا يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولسا، رۇسىيە بۇ بارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە ھۇجۇم نىشانى قىلالايدۇ - ئەلۋەتتە» دېدى.

فىرانتىس كىلىنتىسېۋىچ رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى بۇ تەھدىتلەردىن قوغداشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر