ئامېرىكا جەنۇبىي سۇدانغا قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغان بولدى

ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدىكى جەنۇبىي سۇدانغا قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

902798
ئامېرىكا جەنۇبىي سۇدانغا قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزىدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقىنىڭ باياناتىدا، جەنۇبىي سۇداندا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان تۇرۇغلۇق، زورۋانلىق داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھېچ بىرسىگە قورال ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، جەنۇبىي سۇدانغا قوشنا دۆتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئېمبارگو يۈرگىزىشى كېرەكلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كىڭىشىنىڭمۇ بۇ دۆلەتكە قارىتا يەر شارى خاراكتېرلىق ئېمبارگو قارارى چىقىرىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي ئالدىنقى ئاي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي سۇدانغا 11 مليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي سۇدانغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىككى ھالېي سودان دۆلەت رەئىسى سالۋا كىر ماياردىغا قارىتا «مۇناسىپ كەلمەيدىغان شېرىك» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر