ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن ئىشەنچلىك دىيالوگ باشلاشنى خالايدۇ

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى جۇسېف يۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق قوراللارنى يوقۇتۇش دائىرىسىدە شىمالىي كورېيە بىلەن ئىشەنچلىك دىيالوگ باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

902498
ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن ئىشەنچلىك دىيالوگ باشلاشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، جۇسېف يۇن پايتەخت سېئۇلدا جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمەن ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى چۇن خەيسۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

جۇسېف يۇن يىغىندىن كېيىن ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىپ، شىمالىي ۋە جونۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىش قارارى ئالغانلىقىنىڭ ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

جۇسېف يۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق قوراللارنى يوقۇتۇش دائىرىسىدە شىمالىي كورېيە بىلەن ئىشەنچلىك دىيالوگ باشلاشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا 2018 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا ھەيئەت ئەۋەتىشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەرۋازىسى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى بىلەن ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي مۇھىت باشلانغان ئىدى.

جەنۇبىي كۆرېيەمۇ مۇشۇ ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى، شىمالىي كورېيەگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش تەكلىپى سۇنغان بولۇپ، 2016 يىلىدىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالغان ئالاقە – مۇناسىۋەت قانىلى ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك يىقىنلىشىش نەتىجىسىدە قايتىدىن ئېچىلغان ئىدى.

ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا شىمالىي كورېيەدىن 22 تەنتەربىيەچى قاتنىشىش ۋە ئىككى دۆلەت تەنتەربىيەچىلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتۈش قارارى ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر