گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېيىنمېئېر ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ بىلەن رايون ۋە خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشتى.

899045
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېيىنمېئېر ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىيوردانىيە خانلىق سارىيىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت ئامماندىكى ئەل-ھۇسەينىييە سارىيىدىكى كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت رايون ۋە خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن ستېيىنمېئېرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن باشقا ئىقتىساد، ساياھەتچىلىك، سېلىنما، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك، ھەربىي ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى بويىچە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قۇددۇس مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان كۆرۈشۈشتە پادىشاھ ئابدۇللاھ:شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىننىڭ پايتەختى بولۇشىنى ۋە پەلەستىن  مەسىلىسىگە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز، پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر